Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئاندىن، پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە: - بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:4
13 Referans Kwoze  

ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ - دەپ سورىدى. ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا: - مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم.


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»


بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.


پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى.


- نېمىشقا؟ ئۇ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: - ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، - دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.


ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار.


لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ، «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite