Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: - ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:35
24 Referans Kwoze  

كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا، ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى تاللىدى ۋە قەدىرلىدى. شۇڭا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە يېقىنلىشىڭلار.


بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.


«مانا مېنىڭ تاللىغان خىزمەتكارىم، دىلىم سۆيگەن يېقىنىم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن! روھىمنى ئاتا قىلىمەن ئۇنىڭغا؛ ئۇ ئادالەتنى جاكارلايدۇ پۈتكۈل خەلقلەرگە.


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


قالدىم پۈتۈن خەلقنىڭ مەسخىرىسىگە، مازاق قىلار كۈنبويى قېتىپ بېيىتىگە.


ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»


دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى، قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.»


چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.


پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا.


ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ


ۋالىي پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللارنى ۋە جامائەتنى يىغىپ،


ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite