32 لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. }
ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»
ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مىخلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستى ئىككى جىنايەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەنگەنىدى.
- چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشقا ئاز قالدى.
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟!
بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.