Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:25
12 Referans Kwoze  

مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.


خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.


ئۇلار يەنە: - بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى. (بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.)


لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە: - ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، - دېيىشتى.


ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: - بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى كۆردۇق، - دېيىشتى.


بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.


مانا سائۇل، سىلەر تەلەپ قىلغان ۋە تاللىغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھ بەردى.


پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى.


لەشكەرلەر كرېستنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن كېلىۋاتقان كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ھالسىراپ كەتكەنىدى.


بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى.


پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ كۈمۈشلەرمۇ، بۇ خەلقمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن، ئۇلارنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىلغىن! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite