24 پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى.
كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.
بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق، ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك.
خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
بۇنىڭ بىلەن، ۋالىي پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قامچىلاتتى.
بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى.
توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.