21 لېكىن، ئۇلار ھە دەپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى.
- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.
بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى.
- ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار.
پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتا نەسىھەت قىلدى.
پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلدى.