18 بىراق، كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ! بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دېيىشتى.
پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا: - ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! - دەپ چۇقان سېلىشتى.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان خالايىق: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دەپ ۋارقىرىشاتتى.
مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.
ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي جىنايەتچىلىرىدىن بىرىنى قويۇپ بېرەتتى.
(بارابباس يېرۇسالېمدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىندانغا تاشلانغان بىر جىنايەتچى ئىدى.)
سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا، باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى.