لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 ۋالىي پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللارنى ۋە جامائەتنى يىغىپ، Gade chapit la |
يەھۇدىيلارنىڭ نىكودىم ئىسىملىك بىر كېڭەشمە كاتتىۋېشى بار ئىدى. پەرىسىيلەردىن بولغان بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - تەقسىر، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا بىلەن بىللە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، - دېدى.
يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.