Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:70 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

70 - ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ - دېيىشتى ئۇلار. - سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك! - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:70
20 Referans Kwoze  

- سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسادىن. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


ھەزرىتى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.


يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.


- دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟


ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.


ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.


ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!


كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.


- ھەئە، مەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى.


ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى.


ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.


ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.


ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان يەھۇدا: - ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - دەل سەن، - دېدى.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق ئەرز قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق! - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite