48 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي يەھۇدا، ئىنسانئوغلىنى سۆيۈپ قويۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟ - دېدى.
دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر، دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆيۈپ سالام بەردى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكى شاگىرتلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلار بىلەن ئېلىشساق قانداق دەيسىز؟ - دېدى.