45 دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى.
ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى.
ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: - مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭلارمۇ؟!
ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: - ئەي سىمۇن، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭمۇ؟!
ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
- ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ.