23 شاگىرتلار بىر-بىرىدىن: - بۇنداق قىلىدىغان زادى كىمدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
بۇ سۆز ئۇلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: - مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سورىدى.
بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: - يا رەببىم، مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سوراشقا باشلىدى.
دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
شاگىرتلار ئۆز ئىچىدە زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.