Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق، ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:2
12 Referans Kwoze  

ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى.


بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.


دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.


لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ.


ئىككى كۈندىن كېيىن بولىدىغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىنسانئوغلى كرېستكە مىخلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى.


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite