Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، ھەرگىز بۇنداق شارابنى ئىچمەيمەن، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:18
22 Referans Kwoze  

شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، - دېدى.


چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.


بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.


ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى.


شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار.


بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.


ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى.


ئاندىن، ئۇ قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.


ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.


ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك، ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ.


ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.


كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.


كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.


بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite