15 ئاندىن، ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى: - مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىدا سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا بولۇشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم.
مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.
- مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن.
تاماق ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇردى.
چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.