1 يەھۇدىيلارنىڭ پېتىر نان ھېيتى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كېلىشكە ئاز قالغانىدى.
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى.
پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.