7 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن.
بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سىزنىڭ ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: _ ھەزرىتىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
ئۇلاردىن بىرى دەريانىڭ ئۈستىدە تۇرغان، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان ھېلىقى بىرىدىن: _ بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
- شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.