37 ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى.
تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى.
كەچقۇرۇنلىرى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيتانىيا يېزىسىغا بېرىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى يېزىسىغا كەلگىنىدە،
شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلچىلەر يېرۇسالېمدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى دېگەن جايدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي - بەيتانىياغا كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى:
ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.
ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، - دېدى.
زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا يېتىپ كېلەي دېگەندە، ئىككى شاگىرتىنى
شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بەردى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇشتى.
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى.