3 - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ.
بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.
دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى.
ئۇ يەنە بىر نامرات تۇل ئايالنىڭمۇ ئىككىلا تەڭگىنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنى ئىئانە قىلدى، - دېدى.