Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:16
14 Referans Kwoze  

«ئۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى» دەپ، ئاتا ئوغلىغا، ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا، قىز ئانىسىغا، قېينانا كېلىنىگە، كېلىن قېينانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.


قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم.


ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ.


ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى.


ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ: - ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! - دەپ ۋارقىرىدى.


قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ.


قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرمۇ ساڭا خىيانەت قىلىدۇ، ئۇلار ھەتتا سۇيىقەست ئويلاپ سېنى يوقاتماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ساڭا يېقىنچىلىق بىلەن گەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن.


چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite