22 سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ، قانداق؟
گۇناھىمىز ۋەجىدىن بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىزنى ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!»
كېيىن نوپۇس تىزىملاش ۋاقتىدا، جەلىلىيىلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.
- تۆلەيدۇ، - دېدى پېترۇس. پېترۇس ئۆيگە كەلگەندە، ئۇ تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - سىمۇن، سېنىڭچە دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ئالۋان-سېلىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق.
ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.
ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ.
سىلەر تىكلەيدىغان پادىشاھ چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ئىسرائىللاردىن بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولمىسۇن.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى: - ئۇستاز، بىزگە مەلۇمكى، سىزنىڭ تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەق، شۇنىڭدەك سىز يۈز-خاتىر قىلماي، ھامان خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز.
ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشەنگەن ھەزرىتى ئەيسا:
ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: - بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى كۆردۇق، - دېيىشتى.
ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار.