لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى. Gade chapit la |
لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!
ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.