Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئاخىردا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى، «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتسەم، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەت قىلار» دەپ ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:13
19 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


شۇندا، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.


بەلكىم يەھۇدىيە خەلقى مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ قايتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن.


لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!


تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: - بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! - دېدى.


پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ، خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ.


مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم! يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟


شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.


- مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن.


لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن،


ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ.


لېكىن، ئىجارىكەشلەر خوجايىننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن!» دېيىشىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite