11 خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ شۇنداق ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ.
سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.
سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.
ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.
خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ.
ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ قۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ.
ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ.