Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

46 ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:46
13 Referans Kwoze  

بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.


لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى غامالىيىل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: - ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، - دەپ بۇيرۇدى.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.


يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ.


ياروبئام ۋە خەلق پادىشاھ رىخوبئامنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار» دېگەن سۆزى بويىچە، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.


رىخوبئام: _ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.


ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟


ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite