43 ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى،
يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى.
چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇغقان-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى.