Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:40
17 Referans Kwoze  

شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى.


يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.


سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇردى.


ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى.


لېكىن، سەن ئانامنىڭ قارنىدىن تۇغدۇردۇڭ مېنى، ئەمچەكتىكى چېغىمدىلا تايانچىم قىلغانىدىم سېنى.


ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


كېيىن مانوۋاخنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى.


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


ئەلچىلەر خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مول بەخت ئاتا قىلغانىدى.


ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.


پەرۋەردىگار ھانناغا شاپائەت قىلدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. ئۇ چاغدا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite