20 پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ.
مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە! پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.
قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.
بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.
شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.
ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: - مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!