5 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ زاكايغا قاراپ: - زاكاي، چاپسان چۈش! بۈگۈن مەن چوقۇم سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونىمەن، - دېدى.
قارا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.
- مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى ناتانيەل ھەيران بولۇپ. ھەزرىتى ئەيسا: - فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنىڭ قان ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈم ھەم قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم. شۇنداق، قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.
ئۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر باجگىرلار باشلىقى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.
شۇڭا، ئۇ يۈگۈرۈپ خالايىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ يولدىن ئۆتەتتى.
زاكاي دەرھال چۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلدى.