47 شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بەردى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇشتى.
ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى.
بەزىلىرى ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.
مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ - دېدى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.
ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، - دېدى.
لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.
تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى.