41 ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:
ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.
ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.
نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.
خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.
ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.
ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.
شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»
پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.
- ئەي يېرۇسالېملىقلار! نېمىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلگەن بولساڭلار! ئەمما، ئۇ ھازىر كۆزلىرىڭلاردىن يوشۇرۇندۇر.