4 شۇڭا، ئۇ يۈگۈرۈپ خالايىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ يولدىن ئۆتەتتى.
«خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىز ئۆرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز ئۇنى سىلىقلانغان تاشتىن قايتىدىن ياسىۋالىمىز. ئەنجۇر دەرەخلىرىمىز كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېدىر دەرەخلىرىنى تىكىۋالالايمىز.»
بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.
گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ياۋا ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى. يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى.
ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم.
ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى، ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى.
ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۇنى كۆرەلمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ زاكايغا قاراپ: - زاكاي، چاپسان چۈش! بۈگۈن مەن چوقۇم سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونىمەن، - دېدى.