36 ھەزرىتى ئەيسا ماڭغاندا، خەلقلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى پەلەمپەيگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى.
ئىگىلىرى ماقۇل بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۆز چاپانلىرىنى ئۈستىگە سېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يۆلەپ مىندۈردى.
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى: