28 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، توپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېرۇسالېمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى.
ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا: - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرۇلۇق يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن ئېرىخا شەھىرىگە كېلىۋېتىپ، يولدا قاراقچىغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، تاشلاپ كېتىپتۇ.