Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مەن سىزدىن قورقىمەن، چۈنكى سىز قاتتىق ئادەم، باشقىلارغا ئامانەت قويسىڭىز، ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى، ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز» دەپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:21
16 Referans Kwoze  

ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.»


مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى، قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل ئەمەستۇر.


ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.


ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار.


بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ.


سامۇئىل خەلققە: _ قورقماڭلار، گەرچە گۇناھ قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمدى پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەي، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار.


بىراق، ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم.


«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite