Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:17
14 Referans Kwoze  

كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ.


خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.


بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى.


شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.


قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ.


سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.


مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.


باشتا كەلگىنى: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ ئون تىللا تاپتىم» دەپتۇ.


ئىككىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ بەش تىللا تاپتىم» دەپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite