لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە كىرىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. Gade chapit la |
ئاخاب ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا، تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا، كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.
نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.