42 - كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، كەتكىن. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ساقايتتى، - دېدى.
- قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ: - قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! - دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى.
كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن، قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
- مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىم، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى قارىغۇ.