3 شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ.
ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار، ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار، تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.»
«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ.
سەكراتتىكى ئادەم ماڭا بەخت تىلەيتتى. تۇل خوتۇنلارنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇراتتىم.
تۇل ئاياللارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ، يېتىملەرنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ.
ئەگەر ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلماقچى بولغان بىرى بولسا، سوتقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرۇپ زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ.
- مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن.
لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن،
لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.