20 سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ.
«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.
مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزنى ئادا قىلىڭلار. بۇ، خۇدانىڭ بىر ۋەدە بىلەن باغلاپ بەرگەن دەسلەپكى پەرزىدۇر.
ئەي بالىلار، ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى بۇ، رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ.
دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
- مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.
- بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى.