19 - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.
ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.
ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.
خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟
ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن: - ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى.
سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ.