Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:16
14 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر.


سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر.


ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن.


بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.


خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.


بالىلار، ئاياللار ۋە ئوتۇنۇڭلارنى يېرىپ، سۈيۈڭلارنى توشۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرمۇ بار.


يەھۇدىيە ئەرلىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.


ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ماڭا ئىخلاسمەن بولسۇن دەپ، مەن ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈرىمەن. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر.


ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، - دېدى.


قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.


بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite