8 ياق! بەلكى ئۇنىڭغا: «پەرتۇقنى تارت، ئاۋۋال كەچلىك تاماق تەييارلاپ، مېنى غىزالاندۇرغىن، ئاندىن بېرىپ تامىقىڭنى يە» دەيسىلەر.
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.
بىنيامىننىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ بۇ كىشىلەرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بار. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا مەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. سىلەر بىر مال سويۇپ، زىياپەت تەييارلاڭلار، _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.
- ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ قورۇقتىن قايتىپ كەلگەندە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەرسىلەرمۇ؟
قۇلۇڭلار بۇيرۇقۇڭلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامسىلەر؟ چوقۇم ئېيتمايسىلەر.
ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.