Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:6
13 Referans Kwoze  

- ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچكەن بولاتتى. ئېتىقادىڭلار بولسا، قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. }


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر قىلچە گۇمانلانماي خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەن ئەنجۈر دەرىخىگە قىلغاننى سىلەرمۇ قىلالايسىلەر. ھەتتا بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلارمۇ، دېگىنىڭلار ئىجابەت بولىدۇ.


- سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


شۇڭا، ئۇ يۈگۈرۈپ خالايىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ يولدىن ئۆتەتتى.


ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ،


بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى.


ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.


- ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ قورۇقتىن قايتىپ كەلگەندە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەرسىلەرمۇ؟


- كەل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ھەزرىتى ئەيساغا قاراپ ماڭدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite