4 مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە يەتتە قېتىم گۇناھ سادىر قىلىپ، ھەر قېتىم كېلىپ توۋا قىلسا، گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.
مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار.
بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەممىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ.
لېكىن ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. ھەممە ئىشتا ئىككى-ئۈچ ئادەم گۇۋاھچى بولسۇن.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.
ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، - دېيىشتى.