21 «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دەپ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.
بەزىلەر سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى ئۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ بۇ يەردە!» دېسە، چىقىپ قارىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار.
يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار.
- مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.