18 يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيىلىكتىن باشقا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى يوقمۇ؟! - دېدى.
قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»
لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.
ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن. دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن.
دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.
لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ.
لېكىن، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىپ، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، - دېدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.
بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇنى كۆرۈپ تۇرغانلارغا: - ساقايغانلار ئون ئادەم ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟