Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىر يېزىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭ ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار ناپاك بولغاچقا، يېقىن كەلمەي يىراقتا توختاپ:

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:12
9 Referans Kwoze  

بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى.


بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.


تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە: _ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟


شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار: _ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقاردى، بۇ قېتىم قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite