1 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىشىلەرنى گۇناھ سادىر قىلدۇرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئىنساننى گۇناھقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلار تۈپەيلىدىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق تۇزاقلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي!
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يېگەن گۆشىمىز تۈپەيلىدىن بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلغۇدەك بولسا، بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلا قويايلى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار.
ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا قاراپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى.
باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار.
لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.
لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.
لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ.
مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.