Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 «قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:29
13 Referans Kwoze  

چۈنكى، يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ھەرقايسى شەھەردىكى ئىبادەتخانىلاردا يىغىلىپ، ئۆگىنىپ كەلگەن.


ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە.


پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار! ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ بارلىقى بۇ يەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:


پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.


تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite